<?xml version="1.0" encoding="UTF-8"?><song><author>َننِ لُُِسِ َسهلِي-گرِِنسترِِتس</author>
<aka>خۇداۋەند ئەيسا بىرلە</aka>
<title>En liten stund med Jesus</title>
<lyrics>[V1]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 ھۇزۇرىدا خۇدا
 پات ئىشىم ئوڭاي بولۇر
 كىيىن ئېيتىرمەن سانا
 ۋە ھېرىپ كەتكەن بولسام
 يا يولۇم بولسا تار
 رەب ئەيسا بىرلە تۇرسام
 ئۇ مەندىن خەۋەردار

[V2]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 گۇناھىم كۆرگەندە
 خۇداۋەند مېنى تارتار
 ئۆز لۇتىپنىڭ ئالدىغا
 ۋە ئاندا چوڭ مۇھەببەت
 خۇدادىن كۆرۈرمەن
 گۇناھىم بولسا چوڭ ھەم
 لۇتىپ تېخى چوڭ ئىكەن

[V3]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 يوق بولار ھەر بىر غەم
 رۇھانى كۆزلەر كۆرەر
 بۇ ئالەم بار بىر دەم
 مەن باقى دۆلەت تاپتىم
 خۇدانىڭ سۆزىدە
 يەر-ئاسمان يوق ھەم بولسا
 ئۇ سۆز بار ھەمىشە

[V4]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 چوڭ راھەت ماڭا بار
 ئاشىنالار مەندىن قاچسا
 يا مېنى كۆرسە خار
 بۇ دۇنيا جەبىر بەرسە
 ۋە يالغۇز بولسام ھەم
 رەب ئەيسا بىرلە بولسام
 خوشلۇقۇم بولماس كەم

[V5]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 قۇدرەت ھەم بېرىلۇر
 خۇدانىڭكى ئىرادە
 كىيىن ئوڭاي كۆرۈنۈر
 خۇدانىڭ ياخشى يولى
 رەب ئەيسا كۆرسەتكەن
 ۋە ھەمىشە ئۇ يولدا
 راست ماڭغۇم بار ئىكەن

[V6]
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 مەن بولسام ئەي خۇدا
 بېھىشتتە ئۇنىڭ بىرلە
 مەن ئېتەي ھەمدسانا
 ۋە بەرگىل ئەي خۇداۋەند
 مەن سەندىن دۇر مۇختاج
 خۇداۋەند ئەيسا بىرلە
 مەن تاپقان نۇسرەت تاج</lyrics>
</song>